باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتەكلەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك».
گۇاڭدۇڭ شېنجېن شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئسىتىراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈردى.
دۇنيادىكى ھەر يەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ بىرى شېنجېندا ياسالغان بولۇپ، خەۋەرلىشىش ئاساسى پونكىتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىنى، ھاياتلىق ئۇچۇرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ %20ىنى، ئىستېمال دەرىجىلىك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ ٪70ىنى ئىگىلەيدۇ... شېنجېن پۈتۈن دۇنيادا مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە كەسىپ پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنجېن ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدا، ئىلغار ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ يۇڭبىڭ بىر تەرەپتىن كۆرگەزمە قىلغاچ، بىر تەرەپتىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىز يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيە، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستا ٪91 زەرەتلىگىلى، نۆلدىن تۆۋەن 70 سېلسىيە گىرادۇستا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ نەتىجە بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىسى ئوتتۇرىغا قويغان تېمىدىن كەلگەن بولۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ قىش پەسلىدە داۋاملىق قاتناش مۇساپىسى قىسقىراش ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قوزغىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان».
كەسىپلەر سوئال چىقىرىش، پەن تەتقىقات سوئاللارغا جاۋاب بېرىش شېنجېننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. شېنجېن شەھەرلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: شېنجېن دىققەتنى كارخانىلارنىڭ «قىلغۇسى بولسىمۇ قىلالمايۋاتقان» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كەسىپ زەنجىرىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىمدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، سىستېمىلاشقان، ۋەزىپە تىپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇردى ھەمدە «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرى بويىچە تاللاش تۈزۈمى قاتارلىق مېخانىزىملارنى ئورنىتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلەتتى.
كەسىپ تەرەققىياتىغا يۈزلەنگەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نورمال ھالەتكە ئايلاندى. يېقىندا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنجېن ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى بىلەن شېنجېن خاۋيىڭ داۋالاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، دۆلەت يۇقىرى ئىقتىدارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەتقىقات ئەترىتى قان تومۇر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى چاستوتىلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. ھازىر بۇ دوختۇرخانا سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى، خۇاۋېي شىركىتى، ليەنيىڭ داۋالاش، شاڭتاڭ پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن جەمئىي 231 بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇپ، 1200گە يېقىن توغرا لىنىيەلىك تۈر ئىمزالىدى.شېنجېن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئاساس تەتقىقات مەنبەسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، %30 تىن تۆۋەن بولمىغان شەھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات مەبلىغىنى ئاساس تەتقىقاتقا سېلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئاساس تەتقىقاتقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى. ھازىر، شېنجېندىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىلىرى 3600دىن ئاشىدۇ، بۇ بىر دۆلەت تەجرىبىخانىسى، 13 مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، بەش دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ھەمدە پېڭچېڭ بۇلۇت مېڭىسى، دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش شېنجېن مەركىزىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى، مېڭە ئانالىزى ۋە مېڭە تەقلىدى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ ئىلىم-پەن قۇرۇلمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىيادى شىركىتىنىڭ 6 مىليون يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى زاۋۇتتىن چىقتى. «5 مىليون ئاپتوموبىل»دىن «6 مىليون ئاپتوموبىل» ئىشلەپچىقىرىشقا پەقەت ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى.
بىيادى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى شېنجېن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. شېنجېندا مۇسبەت مەنپىي قۇتۇپلۇق ماتېرىيال، ئېلېكتىرولىز ئېرىتمىسى، باتارېيە ئايرىش پەردىسىدىن تارتىپ ئېنېرگىيە باتارېيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ياساشقىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئېلېكتىر ماشىنىسى، ئېلېكتىرلىك كونترول قىلغۇچ، ئېلېكتىرلىك ئومۇمىي قۇرۇلما، يۈرۈشلەشكەن زەرەتلەش ئەسلىھەلىرىدىن تارتىپ پۈتۈن ئاپتوموبىل ياساشقىچە، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇكەممەل كەسىپ توپى ئاساسەن شەكىللەندى.
شېنجېن كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئىبارەت «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى بېسىپ، يېڭى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسى بازىسى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى ۋە كەلگۈسى كەسىپ توپىنى بەرپا قىلدى: توپلاشتۇرۇلغان توك يولى جەھەتتە، پۈتۈن زەنجىرلىك تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پۈتۈن تۈردىكى ياسىمىچىلىقنى قانات يايدۇرۇش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل جەھەتتە، «يېڭى بىر ئەۋلاد دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل شەھىرى»نى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش جەھەتتە پۈتۈن كۈچ بىلەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش كەسىپ مەركىزى بەرپا قىلىش...
كارخانا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. شېنجېن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئوۋياڭ رېنتاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شېنجېن كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، «ئالتە 90%»نى بارلىققا كەلتۈردى: ٪90تىن ئارتۇق يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا يەرلىك كارخانا بولۇش، ٪90تىن ئارتۇق تەتقىقات ئاپپاراتىنى كارخانىدا تەسىس قىلىش، ٪90تىن ئارتۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى كارخانىغا مەركەزلىشىش، ٪90تىن ئارتۇق تەتقىقات مەبلىغى كارخانىدىن كېلىش، ٪90تىن ئارتۇق ۋەزىپە دائىرىسىدىكى كەشپىيات پاتېنتى كارخانىدىن كېلىش، ٪90تىن ئارتۇق مۇھىم پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ كەشپىيات پاتېنتى باشلامچى كارخانىلاردىن كېلىش.يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىدە، شېنجېن يۈنتيەن لىفېي تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. يۈنتيەن لىفېينىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېن نىڭ: «بىز ھازىر نۇرغۇن كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەك ئېكولوگىيەسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەر ۋە مەنزىرىلەردە قوللىنىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز» دېدى.
پەن تەتقىقات بىلەن كەسىپلەر قانچە چىڭ باغلانغانسېرى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل كۈچىيىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شېنجېن شەھىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 تىرىليون 39 مىليارد 367 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئېشىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى
42.5%كە يەتتى.
مەنبە: خەلق تورى