مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

مەھەللە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك

2023.11.28 23:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەھەللىلەردىكى گىرەلەشتۈرۈپ ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنى پۈتۈن كۈنلۈك يەسلى، يېرىم كۈنلۈك يەسلى، سائەتلىك يەسلى، ۋاقىتلىق يەسلى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ.

  ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى ھەممە ئائىلىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە نىسبەتەن چوڭ ئىش. مەھەللە جەمئىيەت، ھۆكۈمەت بىلەن ئائىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، شۇنداقلا ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.

  سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى نوپۇس-ئائىلە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: مەھەللىلەردىكى گىرەلەشتۈرۈپ ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاق-بالىلارنى پۈتۈن كۈنلۈك يەسلى، يېرىم كۈنلۈك يەسلى، سائەتلىك يەسلى، ۋاقىتلىق يەسلى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ، بۇ ئائىلە ئېتىراپ قىلغان ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى شەكلىنىڭ بىرى. مەھەللىنىڭ ئومۇم مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە تايىنىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئاپىرىشقا قولايلىق بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ تۇرالغۇ تىپىدىكى مەھەللە بىلەن ئائىلە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە مەھەللىنىڭ يۈرۈشلۈك ئۆيلىرى، ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ بىكار تۇرغان بايلىقلارنى جانلاندۇرۇپ، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ، تىجارەت تەننەرخى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئومۇم مەنپەئەتدارلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، خوجىلىق شىركەتلىرى، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ