مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ شىشا دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە بۆسۈپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى

2023.11.28 23:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ھاۋا ئارمىيە داشياۋى تيەن جۈنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «خوپېر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ جۇڭگونىڭ شىشا دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى دېڭىز-ھاۋا ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قوغلىۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشى ئۇنىڭ «دېڭىز قاتنىشى زومىگەرلىكى» بىلەن شۇغۇللىنىش، «جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈش»نىڭ يەنە بىر پولاتتەك ئىسپاتى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كەم-كۈتىسىز «جەنۇبىي دېڭىز خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىنى پەيدا قىلغۇچى»، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ