مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتكە قارىتا ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2023.11.28 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان دۆلەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، مالايسىيا قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار كىشىلەرگە قارىتا يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 2023-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار كىشىلەر جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىش، ساياھەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش ۋە چېگرادىن ئۆتۈش ۋاقتى 15 كۈندىن ئاشمىسا، ۋىزا بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ