خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ يېقىندا شىنجاڭدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
جاڭ گوچىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ جابدۇقچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە 1-سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، دىققەتنى مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشى، زورايتىشى، گۈللەنمە كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە چوڭقۇر سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ كەسپىي، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش-يۆلەش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دىققەتنى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشىسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاسان، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، قوبۇل قىلىدىغان ئامما كۆپ بىر تۈركۈم كونكرېت تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشقا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
جاڭ گوچىڭ شىنجاڭدىكى مەزگىلدە يەنە ئاساسىي قاتلام ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش پونكىتىغا بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، جەڭگىۋارلىق ھازىرلىقلىرى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئاپەت، ھادىسە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم، زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ