رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى: سىملىق تېلېۋىزىيە تېرمىنال سىستېمىسىنىڭ تەڭشىكى «ئېچىلىشى بىلەن پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشى» كېرەك.
مۇخبىرنىڭ 27-چېسلا دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا «سىملىق تېلېۋىزىيە كەسپى تېخنىكا تەلىپى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن كەسپى ئۆلچىمى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، سىملىق تېلېۋىزىيە تېرمىنالىنىڭ «ئېچىلىشى بىلەن پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش» ۋە «ئېچىلىشى بىلەن گەۋدىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلىنىڭ باش بېتىگە كىرىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل «ئېچىلىش بىلەن قويۇش ئەندىزىسى» تاللاش تۈرى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان سىستېمىنىڭ تەڭشىكى «ئېچىلىشى بىلەن پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشى» كېرەك ئىكەن. ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، سىملىق تېلېۋىزىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قانال كۆپەيتكۈچىنى ئېچىش جەريانىغا كېتىدىغان ۋاقىت 35 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سىملىق تېلېۋىزىيە تىجارەت ئاپپاراتى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلى ۋە ۋاقىت يۆتكەپ تېلېۋىزىيە، قانالنى قايتا كۆرۈش، تەلەپ قىلىپ سىن قويۇش قاتارلىق سىملىق تېلېۋىزىيە كەسپى بىلەن تەمىنلىگەندە، كۆرۈنۈش يۈزىنىڭ ئاددىي، مەشغۇلاتنىڭ قولايلىق، تېز، پىروگراممىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا ئالاقە تورى تېلېۋىزىيە تېرمىنالىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان بەلباغ كەڭلىكى 100Mbps دىن تۆۋەن بولمىغان ئەھۋالدا، پىروگرامما قويۇشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. تەلەپ قىلىنغان پروگراممىلار چېكىپ قويۇلغاندىن تارتىپ بىرىنچى كاندۇك كۆرۈلگىچە بولغان ئىنكاس ۋاقتى s 2 دىن ئاز بولۇشى، s 3.5 دىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك؛ پروگراممىنى ۋاقىتلىق توختىتىش/قويۇش، تېزلىتىش، تېز چېكىنىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ئىنكاس ۋاقتى s 2 دىن ئاز بولۇشى، s 3.5 دىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك؛ پروگراممىدىن چېكىنىپ چىقىپ قويۇشتىن بۇرۇنقى بەتكە قايتىش ئىنكاس ۋاقتى s 1 تىن ئاز بولۇشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ