ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە شيۇڭ شۆنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى
2023.11.28 14:15 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شيۇڭ شۆنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن شيۇڭ شۆنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ