مۇھىم خەۋەرلەر

نەق مەيدان كۆرۈنۈشى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى جۇڭگو-بېرما چېگراسىدىكى دۆلىتىمىز تەرەپتە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

2023.11.28 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  قىسىمنىڭ يىللىق مەشىق پىلانىغا ئاساسەن 25-چېسلادىن باشلاپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەشكىللىگەن ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمى جۇڭگو-بېرما چېگراسىغا جايلاشقان دۆلىتىمىز تەرەپتە ئۈچ كۈنلۈك ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارنىڭ تېز ھەرىكەتلىنىش، چېگرانى قامال قىلىپ ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش قاتارلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى.

  مانىۋېرغا قاتناشقان قىسىملار تېز سۈرئەتتە مانىۋېر رايونىغا كېلىپ، رايونلار، يۆنىلىش، ۋاقىت ئايرىمىسى بويىچە راست ئەسكەر راست ئوق مانىۋېرىنى قانات يايدۇردى، ئۇرۇش رايونىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا مانىۋېرغا قاتناشقان ئەسكىرىي كۈچلەر ئۇرۇشتا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ سىستېما بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ماسلىشىپ جەڭنى پىلانلاپ تەشكىللىدى. قامال قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش توپى تېز سۈرئەتتە ئالدىن تەسىس قىلىنغان بازىغا كىرىپ، ۋاقىتلىق كۆرسىتىش نىشانىغا تۈركۈمگە بۆلۈپ، كۆپ يۆنىلىشلىك ئوت كۈچىگە دەل زەربە بەردى.

  چاقلىق پىيادە جەڭ ماشىنىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرونېۋىك زەربىدارلار شۆبە ئەترىتى ئاخبارات ئۇچۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدىن تەسىس قىلىنغان بازىدىكى ماتورلۇق مىنا تازىلاش، پارتلاتقۇچ تازىلاش شۆبە ئەترىتىگە تېز سۈرئەتتە ئاتلاندى.

  يولدىكى توسالغۇلار تازىلانغاندىن كېيىن، بىرونېۋىك زەربىدار شۆبە ئەترىتى دەرھال بازىنى ئىگىلەپ، ماس قەدەمدە ئىس-تۈتەك ئوقى قويۇپ بېرىپ، پىيادە ئەسكەرلەر شۆبە ئەترىتىنىڭ ئايروپىلاندىكى كۆرسەتمە نىشانىغا زەربە بېرىشىنى قوغدىدى. ئوت كۈچى نۇقتىسىدا دەل جايىدا زەربە بېرىلدى.

  مانېۋىردا دۆلىتىمىز تەرەپ زەمبىرەك ئورنىنى رازۋېدكا قىلىپ ئۆلچەش رادارىدىن پايدىلىنىپ نىشاننىڭ ئورۇن ئۇچۇرىغا توغرا ئېرىشىپ، توپچى قىسىم ئوت كۈچى تېرمىنالىغا ئاپتوماتىك تارقىتىپ بېرىپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىدىغان گاۋبىتسا زەمبىرىكى شۆبە ئەترىتىنى نىشانغا شىددەتلىك ئوت كۈچى بىلەن بېسىم ئىشلىتىشكە يېتەكلىدى.

  نۇرغۇن زەمبىرەك ئوقى غۇيۇلداپ چىقىپ نىشان ئىستىھكامىغا ئېتىلدى، كۆپ قېتىم ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش ئارقىلىق، نىشان دەل جايىدا بىتچىت قىلىندى.

  نەق مەيداندىكى قوماندانلار بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ ئالدىن تەسىس قىلىنغان كۆپ خىل ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. يىراق مۇساپىلىك تېز ھەرىكەت قىلىش، كۆپ كۈنلۈك تۇتاشتۇرۇش، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش قىسىملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتچان ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، چېگرا مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسى، غەلىبىلىك جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ