ساياھەتچىلەر لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەر ئازگىلىغا تاماكا قالدۇقىنى تاشلىدىمۇ؟ مەنزىرە رايونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى
2023.11.28 14:04 مەنبە: خەلق تورى
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، چىن شىخۇاڭ قەبرىسى مۇزېيى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان «ساياھەتچىلەرنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا تاماكا چېكىپ تۈكۈرۈش» ئىشىغا ئىنكاس قايتۇردى.
چىن شىخۇاڭ قەبرىسى مۇزېيى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10:31 ئەتراپىدا، بىر ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى بىرىنچى نومۇرلۇق ئازگال خارابىسى زالىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشىكى ئەتراپىغا كەلگەندە تاماكا چەككەن، بىرىنچى نومۇرلۇق ئازگال خارابىسى ئىچىگە تۈكۈرگەن ھەمدە تاماكا قالدۇقىنى خارابىلىككە تاشلىۋەتكەن، كېيىن مۇزېي خىزمەتچىلىرى بۇلغىمىلارنى تازلىغان. مۇزېينىڭ لىنتۇڭ رايونلۇق ساياھەت باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ج خ ئورگىنى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ئارقىلىق، بۇ قىلمىشقا چېتىشلىق خادىمنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى، ئالدىنقى كۈنى تور تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى بىرىنچى نومۇرلۇق ئازگالنىڭ يېنىدىن توپا ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۇنى توسقان. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى مۇزېيى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك مۇزېي، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا ئېلىمىز تۇنجى تۈركۈمدە «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەن ئالتە مىراسنىڭ بىرى بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە رايونىدا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ