ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مېخانىزمى ( تۆۋەندە «يېڭى مېخانىزم»دېيىلىدۇ ) غا كونكرېت تەلەپلەرنى قويدى.
ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) ئەندىزىسى ئېلىمىزدە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەلۇم دەرىجىدە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىدى، لېكىن ئەمەلىيەت داۋامىدا يەنە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى تېمىلار ساقلانماقتا. يېڭى مېخانىزم قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يېڭى مېخانىزمنىڭ ئىلگىرىكى PPP سىياسىتى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى، يەنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەق تۆلەش تۈرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئالدىن تاللاپ قاتناشتۇرۇش، ھەممىسىدە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىش.
دىققەتنى ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەيدىغان تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش
مۇقىم نەق پۇل ئېقىمى مۆلچەرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىكنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يوشۇرۇن قەرزىنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك
«پىكىر» گە ئاساسەن، PPP تۈرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەق تۆلەش تۈرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەق ئېلىش يولى ۋە ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈر تىجارەت كىرىمى قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ۋە تىجارەت تەننەرخىنى قاپلاپ، بەلگىلىك مەبلەغ سېلىش پايدىسىنى ھازىرلىشى كېرەك، PPP ئەندىزىسىنى قوللىنىش سەۋەبىدىن يەرلىك مالىيەنىڭ كەلگۈسى چىقىم مەسۇلىيىتىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، PPP ئاساسلىقى ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەيدىغان ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت، ئاممىۋى تارماقلار ( ھۆكۈمەت ) ھەق تۆلەيدىغان خۇسۇسىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەندىزىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت ھەق تۆلەشنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم PPP تۈرلىرىنىڭ پايدىسى يېتەرلىك ئەمەس، ھەتتا پايدا مەنبەسى كەمچىل ئىدى، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپىتالغا مۇقىم پايدا ئېلىش ياكى ئەڭ تۆۋەن پايدىنى تولۇقلاشقا ۋەدە بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېكىتتى ۋە مۇقىملاشتۇردى. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش تەتقىقات ئورنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى زېجېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى مېخانىزمدا « دىققەتنى ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەيدىغان تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش » تەكىتلەندى، تۈر تىجارەت كىرىمىنىڭ قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ۋە تىجارەت تەننەرخىنى قاپلىشى، بەلگىلىك مەبلەغ سېلىش پايدىسىنى ھازىرلىشى، يەرلىكنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يوشۇرۇن قەرزىنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى. چىڭخۇا داشۆسى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يىڭيىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەش ئاساسىغا ئىگە تۈرلەر ئادەتتە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، مۇقىم نەق پۇل ئېقىمى مۆلچەرىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، دىققەتنى بۇ تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەددىدىن زىيادە ئالدىن قۇرۇلۇش قىلىش ياكى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلەرنى سىقىپ چىقىرىشقا پايدىلىق.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش، قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈر قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەيدىغان تۈرلەرنى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قوللىسا بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت ھەق تۆلىگەندە بەلگىلىمە بويىچە تىجارەت قىلىشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، قۇرۇلۇش تەننەرخىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇمكىنچىلىك يوچۇقى ياردەم پۇلى، ئەڭ تۆۋەن پايدا نىسبىتىگە ۋەدە بېرىش، قوللىنىشچان ھەق تۆلەش قاتارلىق ھەرقانداق ئۇسۇل ئارقىلىق، مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت تەننەرخىنى تولۇقلاشقا بولمايدۇ.
جۇڭگو خەلقئارا قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ چېڭبىن «يېڭى مېخانىزم ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىپ قوللىشى ۋە ھۆكۈمەت ھەق تۆلىشىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقمايدۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ چىقىم قىلىش شەرتىنى قاتتىق چەكلەيدۇ» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يېڭى مېخانىزمغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قوللاش ئاساسلىقى تۈر قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە بولۇپ، ھۆكۈمەت كاپىتالى كىرگۈزۈش ياكى قۇرۇلۇش مەبلىغى تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر ھۆكۈمەت كاپىتالى كىرگۈزۈشكە چېتىلسا، «ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش نىزامى»دىكى تەلەپ بويىچە، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك؛ ھۆكۈمەت ھەق تۆلەش تۈر تىجارىتى مەزگىلىدە، «بەلگىلىمە بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ تىجارەت قىلىش» ئادەتتە ساھە ياكى رايون بەلگىلىگەن بىرتۇتاش تىجارەت ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى قوللىنىدۇ، بۇ تۈرنىڭ PPP ئەندىزىسىنى قوللىنىش-قوللانماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، شۇنداقلا PPP ئەندىزىسىنى قوللىنىش سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ چىقىم مەسۇلىيىتىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە بولمايدۇ.
پۇقراۋى كارخانىلارنى ئالدىن تاللاپ قاتناشتۇرۇش
دەسلەپكى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەگە قايتىش، ئەلئارا كاپىتالنىڭ تۈرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش كېرەك
كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يولغا قويۇلغان PPP تۈرلىرىدە نۇرغۇن مەركەز كارخانىلىرى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىجتىمائىي كاپىتال سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەلئارا سېلىنمىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دەسلەپكى مەقسەت ۋە ئەسلىي مەنبەگە قايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى PPP يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرگە قاتنىشىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «يېڭى مېخانىزمدا پۇقراۋى كارخانىلارنى ئالدىن تاللاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى» دېدى ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە پۇقراۋى كارخانىلارنى PPP يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرگە قاتنىشىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش ھەم ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ ئاممىۋى خاسلىقنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىغا ئاساسەن PPP يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ( كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) تۈرلەرنى ئۈچ تۈرگە ئايرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىنى قوللايدىغان ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان (كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈر تىزىملىكى ( 2023-يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىزىملىك» دېيىلىدۇ) نى تۈزدى. شۈ چېڭبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، «تىزىملىك» تە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ: بىرىنچى، بازارلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى،ئاممىۋى خاسلىقى بىرقەدەر ئاجىز تۈرلەر، مەسىلەن، ئەخلەت، كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئەخلەت كۆيدۈرۈپ توك تارقىتىش تۈرلىرىنى پۇقراۋى كارخانىلار مۇستەقىل مەبلەغ سالغان ياكى پاي كونترول قىلغان بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، جامائەت خاسلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك تۈرلەر، مەسىلەن، شەھەر-بازارلارنىڭ سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش تۈرلىرىدە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتە %35 تىن تۆۋەن بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان، ئاممىۋى خاسلىقى كۈچلۈك تۈرلەر، مەسىلەن، توك چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق تۈرلىرىدە پائال شارائىت يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ئۈچ خىل تۈرنىڭ مەبلەغ سېلىش كۆلىمى، ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرى، قۇرۇلۇش قىيىنلىق دەرىجىسى تەدرىجىي ئېشىپ، پۇقراۋى پاي ھوقۇقىغا قاتنىشىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈرلەردىكى ئىقتىدارى بار پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل مەبلەغ سېلىشى ياكى پاي كونترول قىلىشىنى چەتكە قاقمايدۇ.
«پىكىر» دە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «تىزىملىك»تە كۆرسىتىلگەن ساھەلەردىن باشقا PPP تۈرلىرىگىمۇ پۇقراۋى كارخانىلار ئاكتىپ قاتناشسا بولىدۇ؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار PPP تۈرلىرىگە قاتناشسا، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىزىملىكنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا يىغىدۇ، رەتلەيدۇ ھەمدە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈر تىزىملىكىنى جانلىق تەڭشەيدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى مېخانىزمدا ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت مۇددىتى 40 يىلغا ئۇزارتىلدى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى چوڭ، جاۋاب قايتۇرۇش مۇددىتى ئۇزۇن تۈرلەرنى يەنە مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، پائال يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئارتۇقچە پايدا ئاساسلىقى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئەلئارا كاپىتالنىڭ تۈرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
ھەممىسىدە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىش خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئارقىلىق PPP تۈرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاشكارا ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:PPP دا پۈتۈنلەي ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ يولغا قويىلىدۇ ھەم قۇرۇلۇش ۋە تىجارەت مەزگىلىدىكى مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكىنى توختامدا ئېنىق پۈتۈشۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيەت، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بېكىتىلىدۇ.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشى پۇختا، مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىش يولى ئېنىق، يېڭى مېخانىزمدا PPP تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تېخىمۇ ياخشى سىياسەت ۋە بازار مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، قېلىپلاشمىغان ئەندىزە ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت لايىھەسىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتچىنى ئادىل تاللاش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت كېلىشىمى ئىمزالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قاتتىق ئادا قىلىش، تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتچىنى ئادىل تاللاش ئۈچۈن، يېڭى مېخانىزمدا تۈر تىجارەت لايىھەسى، ھەق ئېلىش يەككە باھاسى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتچىنى تاللاشنىڭ مۇھىم باھالاش ئۆلچىمى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم تۈر تىجارىتىنى باشقۇرۇش تەجرىبىسى، كەسپىي تىجارەت ئىقتىدارى، كارخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىندى». شۈ چېڭبىن مۇنداق دېدى: بۇ ئاشكارا رىقابەت شەرتلىرى بۇرۇنقىدەك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئىقتىدارىنى زىيادە تەكىتلىمەيدىغان بولدى، بۇ مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق.
«پىكىر»گە ئاساسەن، 2023-يىل 2-ئايدا PPP تۈرلەرنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش تەرتىپىنى تاماملىمىغانلار ۋە داۋاملىق يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان PPP تۈرلىرى بىردەك يېڭى مېخانىزم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئاپپاراتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئىجتىمائىي كاپىتال تەرەپ ۋە مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرى يېڭى مېخانىزمنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ، كونكرېت تۈرلەرنى كەسپىي نۇقتىدىن ئوبيېكتىپ، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى