مۇھىم خەۋەرلەر

ئېلىمىز سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئاشتى

2023.11.28 11:15 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى: 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئاشقان، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلانغان. سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى ئاشتى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئاشتى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت ئاي %97 تىن يۇقىرى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 1-ئايدىن 10- ئايغىچە، بەلگىلەنگەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئېشىپ، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەڭلىشىشتىن ئېشىشقا ئۆزگەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 10-ئايدا بەلگىلەنگەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 9-ئايدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، ئۇدا تۆت ئاي ئاشقان.

  ئۈچ چوڭ تۈرنىڭ پايدىسى ئېشىپ، %70 تىن ئارتۇق كەسىپنىڭ پايدىسى ياخشىلاندى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز، سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، 41 سانائەت چوڭ تۈرىدىكى كەسىپ ئىچىدە، 30 كەسىپنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان ياكى تۆۋەنلەش نىسبىتى كىچىكلىگەن، تۆۋەنلەشتىن ئېشىشقا ئۆزگەرگەن.

  خام ئەشيا، ئىستېمال بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ پايدىسى سىجىل ياخشىلاندى. ئىككىلەمچى ئېھتىياجنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خام ماتېرىيال كەسپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەپ، تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىشى تېزلەشتى. 10-ئايدا خام ماتېرىيال ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئېشىپ، داۋاملىق تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، بەلگىلەنگەن سانائەت پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولدى. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق گەۋدىلىنىپ، ئىستېمال بازىرى تەدرىجىي جانلاندى. 10-ئايدا ئىستېمال بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي ئاشقان.

  جابدۇقچىلىقىنىڭ پايدىسى سىجىل ئاشتى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە جابدۇقچىلىقنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %1.1 ئاشتى. جابدۇقچىلىق پايدىسىنىڭ بەلگىلىمىدىكى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %35.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ