ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۇنجى ئامېرىكىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان يولۇچى توشۇش لىنىيەسى ئەسلىگە كەلدى
2023.11.27 15:06 مەنبە: خەلق تورى
24-چېسلا كەچتە، سىچۈەننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مۈشۈكئېيىق رەڭلىك سىزما يولۇچىلار ئايروپىلانى 3U3837 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان چېڭدۇ تيەنفۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىگە قاراپ ئۇچتى، بۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەسلىگە كەلگەن تۇنجى بىۋاسىتە ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان يولۇچى توشۇش لىنىيەسى بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا يەنە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مېلىدىن 12 توننا قاچىلانغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ