مۇخبىرنىڭ 25-چېسلا بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىرگەن بولۇپ، يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ سانى كۆپەيگەن. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەل ھالەتتە ئىشقا بارماسلىقىغا، دەرسكە قاتناشماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغرىپ قالغان مەزگىلدىكى تاپشۇرۇقىغا قاتتىق تەلەپ قويماسلىقى، ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە تاپشۇرۇق تولۇقلىماسلىقى، ھەممىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي ماسكا تاقاشقا يېتەكلەپ، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، مۇۋاپىق چېنىقىش، تەن ساپاسى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تولۇق داۋالىتىشى ۋە ئارام ئالدۇرۇشى، سالامەتلىكى ياخشىلانغان تەقدىردىمۇ مەكتەپكە قايتىپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىماسلىقى، سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ، بالىلار توردىكى مول بولغان ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە ئۆگىنىشى كېرەك؛ بالىلارنىڭ تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ ياخشى تازىلىق ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ شەھىرى توردا ۋە تور سىرتىدا ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەل سەۋەبىدىن مەكتەپكە كېلەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، يېقىنقى مەزگىلدىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدا، مەكتەپ، سىنىپلار ئاتا-ئانىلار بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىدە كۆپ كېسەللىك مەنبەسى ئورتاق تارقىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، قىسمەن دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەلىرىدە كېسەل كۆرسىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىنىڭ تارقىلىش دەرىجىسى بالىلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بويىچە تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشكەن، نۆۋەتتە بالىلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى تارقىلىشچان زۇكام، بەز ۋىرۇسى، نەپەس يولى بىرلەشمە ھۈجەيرە ۋىرۇسى ئىكەن. ھازىر تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل بالدۇر بولۇپ، بۇ يىلقى تارقىلىش يۇقىرى پەللىسىنىڭمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ