مۇھىم خەۋەرلەر

ئالدىنقى 10 ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى

ئىستېمال سىجىل ئەسلىگە كەلدى ۋە ئۆستى

2023.11.27 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 10- ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.6% ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 9- ئايدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، ئۇدا ئۈچ ئاي ئاشقان؛ 1- ئايدىن 10- ئايغىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 38 تىرىليون 540 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، ئىستېمال سىجىل ئەسلىگە كەلگەن ۋە ئۆسكەن.

  تاۋار ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى. 10- ئايدا، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.4% ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 9- ئايدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. دالا ھەرىكىتى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولدى. چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى، خەۋەرلىشىش سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %25.7، %14.6، 11.4% ۋە %9.6 ئېشىپ، 9- ئايدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15.0، 14.2، 8.6 ۋە 11.9 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.5 ئېشىپ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %33.5 كە يەتتى.

  مۇلازىمەت ئىستېمالى بىرقەدەر تېز ئاشتى. 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، مۇلازىمەت پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.0 ئاشتى. بايرام ئېففېكتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، مەدەنىيەت، ساياھەت، قاتناش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمال ئېھتىياجى مەركەزلىك قويۇپ بېرىلدى. 10- ئايدا، يېمەك - ئىچمەك كىرىمى 480 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئاشقان؛ كىنو بېلەت كىرىمى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 70 ئاشتى.

  توردا پارچە سېتىش ئېشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى. 1- ئايدىن 10- ئايغىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 12 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ناتۇرال تاۋارنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 10 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %26.7 كە يەتتى.

  ئەمەلىي پارچە سېتىش سىجىل ئەسلىگە كەلدى. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، چەكتىن يۇقىرى دۇكانلارنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە 0.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قولاي ماگىزىن، تۈرلۈك ماللار دۇكىنى، كەسپىي دۇكان، ماركا مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.3، %7.2، %4.7، %3.6 ئاشقان.

  شەھەر - يېزا ئىستېمالى مۇقىم ئاشتى. 10- ئايدا شەھەر - بازارلاردىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 3 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.4% ئاشتى؛ يېزا - كەنت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 585 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشقان. 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، شەھەر - بازار، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 33 تىرىليون 390 مىليارد يۈەن ۋە 5 تىرىليون 160 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %6.8 ۋە %7.6 ئاشقان.

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ