11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال، ئىيوردانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافادى، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى، ھىندونېزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېيتىنو، پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاھا قاتارلىق ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش ئوتىنى تېزدىن تىنچىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى پەسەيتىش، تۇتۇپ قېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جۇڭگونىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ