مۇھىم خەۋەرلەر

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 118 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالدى

2023.11.20 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا تاشيولىغا سېلىنغان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 358 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشقان؛ 118 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى تاماملانغان؛ 78 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى بىخەتەرلىكى، ھاياتلىق مۇداپىئە قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان، 5409 يېزا تاشيولىدىكى خەتەرلىك كۆۋرۈك ئۆزگەرتىلگەن، مەملىكەت بويىچە 7679 يېزا تاشيولىنىڭ تۈز كېسىشمە يول ئېغىزىغا 15 مىڭ سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغى ئورنىتىلغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلاردىكى قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا پۇختا نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئادىل بولغان يېزا تاشيول تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقتى.

  يول تورى داۋاملىق ئۇزارتىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيوللىرىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى تۆت مىليون 530 مىڭ كىلومېتىرغا، مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيوللىرىدا يول ئاسراش نىسبىتى %100 كە، ئەلا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك يول نىسبىتى %89.3 كە يەتتى. يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى بار ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلار «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يول باشلىقى» ئومۇمىي ئادەم سانى 670 مىڭغا يەتتى.

  مۇلازىمەت داۋاملىق ئەلالاشتى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 50 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى، يۈك، پوچتا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلدى، 8000 دىن ئارتۇق يولۇچى، يۈك، پوچتا بىرلەشمە لىنىيەسى ئېچىلدى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋاكالىتەن توشۇيدىغان تېز يوللانما 200 مىليوندىن ئاشتى. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» بويىچە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن 353 ى، شەھەر-يېزا قاتناش-تىرانسپورتىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن 49 ى، «ئەڭ گۈزەل يېزا يولى» دىن 40 ى قۇرۇلدى.

  «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. كېيىنكى قەدەمدە، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ تەبىئىي كەنت (گۇرۇپپا) لەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇش، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە دەرىجىلىك يول تۇتاشتۇرۇش، يېزا-بازارلارغا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيول تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا تاشيوللارنى ئۆزگەرتىش ۋە زىيادە تار يېزا تاشيوللىرىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش ياكى خاتا ئاپتوموبىل يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلارنىڭ يولۇچى، يۈك، پوچتا ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىدارى تۈجۈپىلىك، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا يولۇچى، يۈك، پوچتا ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ