مۇھىم خەۋەرلەر

ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ

2023.11.20 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى:

  ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى 20-چېسلادىن 21-چېسلاغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال، ئىيوردانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافادى، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى، ھىندونېزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېيتىنو، پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاھا قاتارلىقلاردۇر. زىيارەت مەزگىلىدە جۇڭگو ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنى قوغداش، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىرلىشىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ