مۇھىم خەۋەرلەر

شياڭگاڭ تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىنىڭ تېنىگە زەھەر يوشۇرغانلىق دېلوسىنى پاش قىلدى

2023.11.20 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  شياڭگاڭ تاموژنىسى 18-چېسلا خەۋەر ئېلان قىلىپ، 16-چېسلا شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا چېگرادىن كىرگەن بىر يولۇچىنىڭ تېنىگە زەھەر يوشۇرغانلىق دېلوسىنى پاش قىلىپ، تەخمىنەن 530 گىرام كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بازار قىممىتىنى تەخمىنەن 650 مىڭ شياڭگاڭ دوللىرى ئەتراپىدا مۆلچەرلىگەنلىكىنى دېگەن.

  شياڭگاڭ تاموژنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يولۇچى 42 ياشلىق ئەر بولۇپ، 16-چېسلا كېنىيەنىڭ نايروبى شەھىرىدىن قاتارنىڭ دوھا شەھىرى ئارقىلىق شياڭگاڭغا كەلگەن. تاموژنا خادىملىرى بۇ يولۇچىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى تاماملاش مەزگىلىدە، ئۇنىڭ تېنىدە زەھەر بار دەپ گۇمانلىنىپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن. دوختۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يولۇچىنىڭ تېنىدە غەيرى نەرسە بارلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن، تاموژنا خادىملىرى دەرھال ئۇنى قولغا ئالغان. 18-چېسلا سائەت 13 كىچە، بۇ كىشى تېنىدىن ئېغىرلىقى 530 گىرام كېلىدىغان 48 تال كوكائىننى چىقارغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ