مۇھىم خەۋەرلەر

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈش

2023.11.20 09:59 مەنبە: خەلق تورى

  ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئاقىلانە، سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ھەم «مۇتلەق نەتىجە»گە ھەم «نىسپىي نەتىجە»گە قاراش كېرەك.

  بەزى ھالقىلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك، ھېس قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مۇتلەق نەتىجىسى» ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 3 - پەسىلدە ٪4.9 ئاشقان، ئىككى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تەسىرىدە مىقدار پۇختا ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ روشەنلەشكەن.

  «نىسپىي نەتىجە»گە ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بەزىلىرىدە بالدۇر، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش ئارقىلىق، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى سىجىل تۈگەتكىلى بولىدۇ. بەزىلىرىدە دەل جايىدا كۈچەش ئارقىلىق تەرەققىيات تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتتا ئىپادىلىنىشى ناتايىن، ئەمما ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى «مۇتلەق نەتىجە» بىلەن «نىسپىي نەتىجە»نىڭ ئۇنىۋېرسال رولىنىڭ نەتىجىسى. ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىك، يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  سۈپەت جەھەتتە، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى تېزلىتىلدى. ئەتراپىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئالدىنقى ئون ئايدا دۆلىتىمىزدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %33.9 ۋە %37.8 ئاشتى. 2012 - يىلى «<12 - بەش يىللىق> دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىياتى پىلانى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر كېيىن باشلانغان ئىدى. سىياسەت جەھەتتىن ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارغا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ، شەكسىز «مۇتلەق نەتىجە»گە ئايلاندى. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ھەر بىر يۈەن ئاشسا، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى 2.64 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تۈرتكە بولىدىغان كەسىپ ھالقىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن. تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بۈگۈنكىدەك «ئالدىدا مېڭىشى» بىردەمدىلا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئۇدا 20 نەچچە يىل توپلانغان نەتىجىدىن كەلگەن. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سەۋرچان بولۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلارنى يېتىلدۈرگەندىلا، «نىسپىي نەتىجە» ھامان «مۇتلەق نەتىجە»گە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش يارقىن نۇقتىلار ئاز ئەمەس، تەرەققىيات يولىنى باشتىن كەچۈرگەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقچىلىق قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.

  ھاياتىي كۈچ جەھەتتە، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇچرىشىش تىپىدىكى، توپلىشىش تىپىدىكى مۇلازىمەت كەسپى بىرقەدەر تېز ئاشتى. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تەنتەربىيە بىلەن مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ، مۇسابىقە كۆرۈش دولقۇنى ساياھەت قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪18.9 ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪2 ئاشتى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. مۇلازىمەت كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسلىق يول، سېلىنمىنى كېڭەيتىدىغان ئاساسلىق سۇپا، پايدىلىق ئامىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ «يېڭى موتورى» ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىغىچە، يەنە رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگىچە مەيلى رەقەم جەھەتتىكى «مۇتلەق» ئېشىش بولسۇن ياكى تەدرىجىي تولۇقلىنىۋاتقان «نىسپىي» كەمتۈكلۈك بولسۇن ھەممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈنسېرى ماس ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ.زاپاس كۈچ جەھەتتە، ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. تەرەققىيات ئۇزاق مۇددەتلىك ھېسابات، ئومۇمىي ھېسابات ۋە ئۇنىۋېرسال ھېساباتنى تەلەپ قىلىدۇ. «نەتىجە قەغىزى»دىكى «ئالتۇن مىقدارى» يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ماس نەتىجە - ئۈنۈمىدە ئىپادىلىنىدۇ.

  مەسىلەن ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سۇ سۈپىتى ياخشى بولغان كەسمە يۈز نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلات داۋاملىق تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. كاربوننى ئازايتىش، بۇلغىنىشنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ماس ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېشىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ روشەن ئاساسىغا ئايلاندى.

  «مۇتلەق نەتىجە» ۋە «نىسپىي نەتىجە»گە ئومۇميۈزلۈك مۇئامىلە قىلغاندا، قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش شەكلى ئارقىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىدەك ئاساسىي ئەھۋال ئۆزگەرمىدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىگەندە، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.«مۇتلەق نەتىجە» ۋە «نىسپىي نەتىجە»گە ئومۇميۈزلۈك مۇئامىلە قىلىش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنىڭ كونكرېت نامايەندىسى، بولۇپمۇ ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قوللىنىشتۇر.

  تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. «مۇتلەق نەتىجە»نىڭ ئىلگىرىلىشى «نىسپىي نەتىجە»دىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلەتنىڭ «بەش چوڭ بىخەتەرلىكى»نى قوغداشتا قىيىنچىلىقنى تېخىمۇ تولۇق مۆلچەرلەپ، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغاندىلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بېقىشتىن ئىبارەت بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى. بۇ يىل يازلىق يىغىم مەزگىلىدە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يامغۇر يېغىپ، كېچە - كۈندۈز ھوسۇل يىغىش، قۇرۇتۇش ئارقىلىق يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» مەزگىلىدە، دەل جايىدا سىگنال بېرىلىپ، ئېتىز پەرۋىشى كۈچەيتىلىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى. دەل «ھەرۋاقىت خاتىرجەم بولالماسلىق»، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇتقاندىلا، تاماق قاچىسىنى قولىمىزدا چىڭ تۇتالايمىز.ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. «مۇتلەق نەتىجە» ۋە «نىسپىي نەتىجە» تەرەققىيات قارىشى، شۇنداقلا سىياسەت - نەتىجە قارىشىنى سىنايدۇ. بوران - چاپقۇندىن بۇرۇن، نورمال ھالەتنى ساقلاپ، ھەم نۆۋەتتىكىنى چىڭ تۇتۇش ھەم يىراقنى كۆزلەش كېرەك. ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق ئىشلارنى، «ئالدىنقىلار كۆچەت تىكسە، كېيىنكىلەر سايىدايدۇ» دېگەندەك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. مەسىلەن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تولۇق ياردەم بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىشلىگەندىلا، يوشۇرۇن تۆھپىنى كۆرۈنەرلىك تۆھپىگە، يوشۇرۇن نەتىجىلەرنى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ