مۇھىم خەۋەرلەر

ئىقتىدارى يەنە ئۆستۈرۈلدى! دۆلەت ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەقلىي مائارىپ سۇپىسىنىڭ يېڭى ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش دەرسلىكى كەلدى

2023.11.15 01:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن بۇرۇنقى، دەرس ئارىلىقىدىكى، دەرستىن كېيىنكى ھەر قايسى ھالقىلاردىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يېقىندا دۆلەت ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي مائارىپ سۇپىسىنىڭ دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلدى، تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

  1. كۆپ خىل تېرمىنالدا ئىشلىتىشنى قوللايدۇ.

  2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈشىنى قوللايدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي مائارىپ سۇپىسىدىكى «مېنىڭ بايلىق ئامبىرىم» ئىقتىدارى ئارقىلىق سۇپىدىكى بايلىقلارنى ئىشلىتىپ دەرس تەييارلاپ دەرس ئۆتۈشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي مائارىپ سۇپىسىغا چىقىپ «دەرس ئوقۇتۇش-ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش» كۆزنىكىنى ئېچىپ، ئۆزى دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇش بۆلىكى، پەن، نۇسخا، توپلام سانى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تاللاپ، ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان دەرس ئوقۇتۇش بايلىقىنى ئىزدىيەلەيدۇ.

  3. مەشىق سوئالى بايلىقى ۋە ئىمتىھان سوئالى گۇرۇپپىلاش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى

  دۆلەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي مائارىپ سۇپىسى «دەرسلىك ئوقۇتۇش» بۆلىكىدە مەشىق سوئاللىرى بايلىقى يېڭىدىن تورغا چىقىرىلغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 15 مىڭ سوئال تورغا چىقىرىلدى.

  ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار مەشىق سوئاللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ھەمدە شەخسىي مەشىق سوئاللىرى ئامبىرىغا قوشسا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار يەنە تېز سۈرئەتتە مەشىق ئىمتىھان سوئالى گۇرۇپپىلىيالايدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى.

  نۆۋەتتە، دۆلەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي مائارىپ سۇپىسىغا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش-ئوقۇتۇش بايلىقى چىقىرىلدى، مەزمۇنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىشى، دەرس ئۆتۈشى، ئائىلە-مەكتەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مائارىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ