خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كېلەر يىلى چاغاندا ئۇدا سەككىز كۈن دەم ئېلىنىدۇ، ئۇنداقتا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
شاڭخەي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 2024-يىللىق «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى» كالېندارىنى ئېلان قىلدى، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە (چاغان، چاغاننىڭ 2-، 3-كۈنى) ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە، ئۈچ ھەسسە مائاش بېرىلىدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئەمگەكچىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ھەم دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرەلمىگەنلەرگە بېرىلىدىغان مائاش ئىش ھەققىنىڭ %200 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىدە ئەمگەكچىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنىڭ %300 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ