مۇھىم خەۋەرلەر

«توردىكى چولپان كەنت» بولمىسىمۇ ئوخشاشلا «داڭق» چىقارغىلى بولىدۇ

2023.11.15 01:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كەنت ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى»، «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى» قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن داڭق چىقىرىپ، بىر قىسىم يېزا-كەنتلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، قانداق قىلغاندا ئادەتتىكى يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پايدىسىغا ئېرىشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ؟

  «توردىكى چولپان كەنت» نىڭ گۈللىنىشىدە مۇئەييەن قانۇنىيەت يوق، بەزىلىرىدىكى تەبىئىي شارائىتلارغا كىشىلەر ئىلگىرى دىققەت قىلىپ باقمىغان، بەزىلىرى بىلىپ-بىلمەيلا توردا داڭق چىقىرىپ قالغان. ئادەتتىكى كەنتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا «توردىكى چولپان كەنت» نىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلى بەلگىلىك ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە، لېكىن ھە دېسىلا كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ، بەلكى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ شاھمات تاختىسىدا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. كەسىپنىڭ گۈللىنىشى يېزىلاردىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بەزى جايلاردا يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ قىممەت ئىقتىدارىنى ئېچىش يېتەرلىك ئەمەس، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى چەكلىك. بۇنداق يېزا-كەنتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇل خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ياخشى ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك كەسىپ ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېزا-كەنتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى قېزىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  دېھقانلار يېزا-كەنتلەردە ئولتۇراقلاشقانلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە قۇرغۇچىلار، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دېھقانلارنىڭ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان دېھقان ئائىلىلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى يېزا-كەنت كەسىپ ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا ھەم بازارلاشقان رىقابەتكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دېھقانلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاسسىپ تەرەققىي قىلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشقىچە بولغان بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەتتىكى يېزا-كەنتلەرمۇ ئوخشاشلا داڭق چىقىرىپ، «ئاجىز كەنت»تىن «چولپان كەنت»كىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ