مۇھىم خەۋەرلەر

تور دىكتورى ۋاڭ چۈنشەنگە باج تاپشۇرغۇزۇلدى ھەمدە ئالتە مىليون 536 مىڭ 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2023.11.14 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  داليەن شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ 1-تەكشۈرۈش ئىدارىسى 13-چېسلا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تور دىكتورى ۋاڭ چۈنشەننىڭ 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، كىرىمنى يوشۇرۇش، ساختا مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىككى مىليون 183 مىڭ يۈەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى، بىر مىليون 424 مىڭ 100 يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى ئوغرىلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. داليەن شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ 1-تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋاڭ چۈنشەندىن باج پۇلىنى تاپشۇرغۇزۇپ، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئالغان ھەمدە جەمئىي ئالتە مىليون 536 مىڭ 100 يۈەن جەرىمانە قويغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: داليەن شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ 1-تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا دەل جايىدا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تور دىكتورى ۋاڭ چۈنشەننىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، قانۇن بويىچە باج ئىشلىرىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ چۈنشەننىڭ 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تاۋار سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىجارەت كىرىمىگە ئېرىشكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇلار كىرىمنى يوشۇرۇش، ساختا مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن ئىككى مىليون 183 مىڭ يۈەن، قوشۇلما قىممەت بېجىدىن بىر مىليون 424 مىڭ 100 يۈەن ئوغرىلىغان.

  داليەن شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ 1-تەكشۈرۈش ئىدارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى ۋاقىتلىق نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ باج ئېلىش-باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋاڭ چۈنشەندىن باج پۇلىنى تاپشۇرغۇزۇش، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئېلىش ھەمدە جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى. جەمئىي 6 مىليون 536 مىڭ 100 يۈەن بولغان. يېقىندا، باج تارماقلىرى «باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارنامىسى» ۋە «باج مەمۇرىي جازا قارارنامىسى»نى قانۇن بويىچە يەتكۈزۈپ بەردى، ۋاڭ چۈنشەن بەلگىلىمە بويىچە باج پۇلى، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ۋە جەرىمانىنى تولۇق تاپشۇردى.

  داليەن شەھەرلىك باج ئىدارىسى 1-تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بېجىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باجغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ باج قانۇنىغا ئەمەل قىلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپنىڭ ئۇزاق مۇددەت قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ