جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شيۇڭ شۆنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈلىشىچە، شيۇڭ شۆنىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن چەتلىگەن، سىياسىي ئېڭى سۇسلىشىپ، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغان، «يەتتە بولۇش» بىلەن شۇغۇللىنىپ، گۇرۇھۋازلىق قىلغان، نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، شەكىلۋازلىق قىلىپ، يالغان مەلۇمات ئويدۇرۇپ چىقارغان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلىشىپ، خۇراپىي پائالىيەتلەر بىلەن ھەدەپ شۇغۇللانغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغان؛ پارتىيەگە سادىق بولمىغان، راستچىل بولمىغان، تەشكىل بىلەن سۆزلىشىپ، خەت-ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە، مەسىلىسىنى ئەينەن چۈشەندۈرمەي، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغا قىلىنغان بۇيۇم، پۇللارنى قوبۇل قىلغان، ئەلئارا ئېلىم ـ بېرىم ئارقىلىق كۆپ سوممىلىق نەپكە ئېرىشكەن؛ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلمىغان؛ ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، جورىسىنى باشقۇرمىغان، تەربىيە قىلمىغان؛ نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىپ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلەشكەن، قانۇنسىز سودىگەرلەر بىلەن ئاپاق-چاپاق، ھەمنەپەس بولۇشۇپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي نەپ ئالىدىغان قورالغا ئايلاندۇرىۋېلىپ، ھەدەپ ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، يەر تەستىقلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزگەن ھەمدە قانۇنسىز ھالدا سوممىسى زور پۇل-مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان.
شيۇڭ شۆ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان ، قولىنى تارتمىغان ، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى ناچار بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، شيۇڭ شۆگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى بىكار قىلىش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېتىشلىق پۇل-مالنى قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ