مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگودا تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلارنىڭ جازالىنىش مۇددىتىنىڭ ئۈچ يىل بولۇشى بەلگىلەنمەكچى

2023.11.14 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 13-چېسلا جۇڭگو ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مىنىستىرلىق يېقىندا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دېيىلىدۇ) نى تۈزۈپ، جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغان.«جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»دا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مۇددىتىنىڭ ئۈچ يىل بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2022-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. تېلېگراف تور ئالدامچىلىق قانۇنىنىڭ 31-ماددىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ ج خ تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.«جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» جەمئىي 19 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش پىرىنسىپى، جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش ئوبيېكتى، جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى، دەرىجىگە ئايرىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش، جازالاش تەرتىپى، ئەرزنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قانۇن بويىچە بېكىتىش، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، تەڭ جازالاش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىپ، شەخس ۋە ئورۇنلار جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف تورى، ئىناۋەت بويىچە جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى بەلگىلىنىپ، جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرىجىگە ئايرىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇشقا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مۇددىتى ۋە ئۇقتۇرۇش قاتارلىق تەرتىپلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەرز قىلىش، قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە بىكار قىلىش تەرتىپى ۋە ۋاقىت چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ