مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو لىزى-نەيچيۇڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ

2023.11.14 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 13-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو بىلەن نېپال ئارىسىدىكى لىزى-نەيچيۇڭ چېگرا ئېغىزى بۈگۈن رەسمىي ئېچىلدى، باياناتچى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەمدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتسە بولامدۇ؟

  ماۋ نىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە كېڭىشىشى ۋە ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، لىزى-نەيچيۇڭ چېگرا ئېغىزى بۈگۈن چۈشتە رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى. بۇ چېگرا ئېغىزى جۇڭگو-نېپال ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان تۆتىنچى يولۇچى، يۈك توشۇشقا قوش ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزى، جۇڭگو لىزى-نەيچيۇڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ئىشىنىمىزكى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە خادىملار ئالاقىسىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، جۇڭگو-نېپال چېگرا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ