بىر كۈن ئىچىدە بېيجىڭ، خېبېينى كېسىپ ئۆتۈپ، يەتتە جايدا تەكشۈرۈشتە بولدى.
قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ، توختىماي يول يۈردى.
يېزا، مەھەللىلەردىن مەكتەپ، دۇكانلارغىچە، ئېتىز باشلىرىدىن توغان ـ توسمىلارغىچە باردى، چۈشتە ئاپتوموبىلدا قىسقا ۋاقىت ئارام ئالدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلەش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن تېخىمۇ كۆپ يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بولدى.
«ئاشۇ مەزگىلدە، مەن ھەر كۈنى ئاپەت ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدىم، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. مەن ئەينى چاغدىلا، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، چوقۇم يەنە كېلىپ كۆرۈپ باقىمەن، دېگەنىدىم».
«بولۇپمۇ قىش كەلگەندە، پۇقرالار قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزەلەمدۇ؟ تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلىرى بار؟»
11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش قىش كىرىپ 2 ـ كۈنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدىكى ئاپەتكە بىرقەدەر ئېغىر ئۇچرىغان مېنتوۋگوۋ رايونى، باۋدىڭ جوجوۋ شەھىرىگە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.
دائىم غېمىدە بولغاچقا، «كېلىشكىنى بويىچە» يېتىپ كەلدى.
ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، 2014 ـ يىلى يۈننەن لۇديەندە يەر تەۋرىدى. بەش ئايدىن كېيىن، قەھرىتان سوغۇق مەۋسۇمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى يولنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي يەر تەۋرىگەن جىلغىغا كەلدى.
ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، 2020 ـ يىلى ئەنخۇيدە كەلكۈن ئەھۋالى ئېغىر بولدى. بىر ئايدىن كېيىن، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، 800 چاقىرىملىق چاۋخۇ كۆلى توسمىسىغا كەلدى.
ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، 2021 ـ يىلى سەنشىدە ئاز كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇر ياغدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، ئەگرى ـ بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ، يېغىۋاتقان قارغا قارىماي فېنخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا كەلدى.
بوران ـ چاپقۇندا، كىم ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ بولالايدۇ؟ كىم ھەقىقىي قەھرىمان؟
بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، مياۋفېڭشەن مىللەتلەر مەكتىپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنىغا قاتناشتى. بالىلار سېغىز توپا بىلەن قەلبىدىكى «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى»نى ياساپ چىقتى: پۈتۈن بەدىنى لاي بولۇپ كەتكەن ئازادلىق ئارمىيە تاغا، ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ كەچ قايتىپ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى تاغا، ئالدىراشچىلىقتا پۇتى يەرگە تەگمەيدىغان كەنت كادىرى، ئاق خالات كىيگەن تېببىي خادىملار...
ساپ ئالتۇن ئوتتا سىنىلىدۇ، ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ. كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەمەلىيىتى ئەڭ تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە «چوڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى».
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ پارتىيەسى بولۇپ كەلدى. خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيەمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئۈچۈن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىدۇ».
«بولۇپمۇ ئاپەت يۈزبەرگەن ھامان، مۇنۇ ئىككىسى ئەڭ گەۋدىلىنىدۇ: بىرى بىزنىڭ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىمىز، بىرى قىزىل بايراق ئاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلىرىمىز».
ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملە مەردانە ۋە جاراڭلىق ئىدى؛ ھەربىر ھەرىكەتتە ۋەدە ئەمەلدە كۆرسىتىلدى.
بۇ، پۇقرالارنىڭ چىن قەلبىدىن ئېيتقان سۆزى −
شۇييۈزۈي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى مىڭنىڭ ئۆيى قايتىدىن بېزىلىپ، تۈزەشتۈرۈلۈپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئۆتمۈشتە مۇشۇنداق ئاپەتكە ئۇچرىسا، قەھەتچىلىكتىن قېچىپ كەتمەي ئىلاج يوق ئىكەنتۇق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت!»
يۇڭجى شيۇيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى دۇڭ سەييىڭنىڭ ئۆيىدە، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەمگە يەتكەنىدى، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى:«يىغىپ ئېيتقاندا بىرلا ئېغىز گەپ، يەنىلا پارتىيە ياخشى ئىكەن!»
ۋەنچۈەنجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فۇ جۈن ئۆيىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئۆي سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ باش شۇجىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، مۇشۇنداق ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق، بولمىسا ئۆي سالالمايتتىم».
باش شۇجىنىڭ قەلبىدە خەلق ھەقىقىي قەھرىمان ئىدى.
تاڭشەنگە بېرىپ، «قەھرىمان شەھەر» «قەھرىمان خەلق»نى ماختىدى؛ ۋۇخەنگە بېرىپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن «ۋۇخەن جەزمەن يەنە بىر قېتىم قەھرىمانلار تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېدى. باش شۇجى خەلقنى ئىزچىل چىن كۆڭلىدىن ماختىدى.
2023 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغاندا، دائىم جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغۋار روھنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ».
يەر تەۋرەش، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق... جۇڭخۇا مىللىتى تەبىئىي ئاپەت بىلەن نەچچە مىڭ يىل كۈرەش قىلىپ، كۈلپەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەتكۈچە ئازاب ـ ئوقۇبەت تارتقان بولسىمۇ، ئەزەلدىن بېلى پۈكۈلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئاپەت ئىچىدە قەددىنى رۇسلاپ، مىللىتىمىزنىڭ قەتئىي بوشاشمايدىغان روھىنى ياراتتى.
دۇڭ سەييىڭ باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: ئەينى چاغدا ئۆيگە سۇ كىرىپ كەتتى، ئۆيدە يالغۇز قېلىپ بەك قورقتۇم. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قوشنىلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئىشىكنى چېكىپ ئەھۋال سورىدى، ئالدىراش ـ تېنەش نەرسە ـ كېرەكلەرنى يۆتكىشىپ بەردى ھەم مېنى ئۆيىدە تۇرغۇزدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاپەت ئالدىدا، بىزنىڭ خەلق ئاممىمىز چەكسىز قەيسەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، كۆپچىلىك جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بەردى».
مياۋفېڭشەن مىللەتلەر مەكتىپىدە، بەيگوۋخې دەرياسى بويىدىكى توسمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
يېشىل مىسەي كىيىملىك جەڭچىلەر، كۆك كىيىملىك ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، قىزىل كىيىملىك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم قىلىش ئەترىتىدىكىلەر... قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى، قەيەر ئەڭ خەتەرلىك، جىددىي بولسا شۇ يەردە جەڭ قىلدى.
باش شۇجى مۇنداق دېدى: «دەھشەتلىك دولقۇندا قەھرىمانلىق خىسلىتىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار. بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بەردى. ياردەم بېرىدىغان قوشۇننى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، قايسى تەشكىلاتنىڭ، قايسى تەرەپنىڭ، قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئايرىغىلى بولمايدىكەن».
«قىيىنچىلىقتىن قورقمايمىز، ئىرادىمىز پولاتتەك مۇستەھكەم.» بۇ، مېنتوۋگوۋدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە كادىرلار ۋە ئامما ئېيتقان بىر جۈملە سۆز.
«مەن يەن، جاۋنىڭ پەرزەنتى، خېبېي ئۈچۈن نەتىجە يارىتىمەن.» بۇ جوجوۋ شەھەر رايونىدىكى كوچىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان لوزۇنكا.
سۇ كىرىپ كەتكەن ئۆيلەر قايتىدىن بېزەلدى؛ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسا، ئۆز ئورنىدا قايتا سېلىندى؛ سۇ بېسىپ كەتكەن دۇكانلار تىجارىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈردى؛ زىرائەتلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەن بولسا، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاپ تېرىلدى...
يۇڭجى شيۇيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى دورا دۇكىنى، تاللا بازىرىدا باش شۇجى دۇكان ئىگىسىدىن «يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بار» دەپ سورىغاندا، ئېرىشكىنى «كەلگۈسىمىزنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار» دېگەن جاۋاب بولدى.
ۋەنچۈەنجۇاڭ كەنتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، قىزغىن يۇرتداشلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئولىشىپ كېلىپ، باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجى بىلەن سالاملاشتى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا، چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلار، ساددىلىقى چىقىپ تۇرغان ئۆسمۈرلەر، يەنە قۇچاقتىكى بوۋاقلارمۇ بار ئىدى.
يۇرتداشلار ئالدىدا، باش شۇجى ئۆزىنىڭ بۇ بىر كۈنلۈك تەسىراتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى:
«مەن كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدىن ئۈمىدنى كۆردۈم. بىزنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. يۇرتداشلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
كەلكۈن ياندى، قەھرىمانلىق جاسارىتى بۇ تۇپراقتا ئۇرغۇماقتا.