مۇھىم خەۋەرلەر

فىلىپپىن پاراخوتلىرى خۇاڭيەنداۋ ئارىلىغا قانۇنسىز بېسىپ كىردى، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى يېرىم كېچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى!

2023.09.28 14:03 مەنبە: خەلق تورى

  «جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ 27- چېسلا كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فىلىپپىننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ خۇاڭيەنداۋ ئارىلىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلغان.

  جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گەن يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، فىلىپپىننىڭ بېلىقچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خۇاڭيەنداۋ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش، ھاۋا يولىنى باشقۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاراخوتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى، فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ لاگۇنا كۆلىگە بۆسۈپ كىرىپ ۋاقىتلىق توسۇش تورى ئورناتقانلىقىغا قارىتا، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى توسۇش ئەسلىھەلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇۋېلىپ، نورمال باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، نەق مەيدان مەشغۇلاتى كەسپىي قېلىپلاشقان، قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بولدى.

  فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش جۇڭگو تەرەپنىڭ توسۇش تورىنى سۆكۈۋېتىشى پۈتۈنلەي پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئالغانلىق. جۇڭگو خۇاڭيەنداۋ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى قانۇن بويىچە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ