دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 27-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا،26 -چېسلا ئامېرىكا دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، ئۈچ جۇڭگو كارخانىسىنى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرغۇچى ئۇنسۇرلارنىڭ جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ئويدۇرغان يالغانچىلىق ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان پاكىت بۇ يالغانچىلىق بىلەن پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. ئامېرىكا يالغانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى يۈرگۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، جۇڭگو كارخانىلىرىغا زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بۇ ماھىيەتتە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسقانلىق، شۇنداقلا خەلقئارا سودا قائىدىسى ۋە بازار تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئامېرىكىنى جۇڭگوغا قارا چاپلاشنى دەرھال توختىتىشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يوللۇق قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ