مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: سەي جىنشۇ جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

2023.09.28 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، تەيۋەنلىك بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: تەيۋەنلىك زات سەي جىنشۇ بۇ يىل 5-ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، شيامېندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىكەن. سەي جىنشۇنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى قانداقراق؟ قاچان تەيۋەنگە قايتىدۇ؟

  بۇنىڭغا قارىتا گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەي جىنشۇ جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن تۆت يىل مەھرۇم قىلىنغان. ئۇنىڭ جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە بېجىرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ