خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جۇڭخۇا ئۆسمۈرلەر-بالىلار خەير-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوند جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى
2023.09.28 14:01 مەنبە: خەلق تورى
ئامما پاش قىلغان ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىنكاس قىلغان جۇڭخۇا ئۆسمۈرلەر-بالىلار خەير-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوند جەمئىيىتى «9958 بالىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرى» ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا ئۆسمۈرلەر-بالىلار خەير-ساخاۋەت قۇتقۇزۇش فوند جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە چېتىشلىق ئائىلىلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، بۇ فوند جەمئىيىتىگە كىرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە تۈزەتتى. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ