مۇھىم خەۋەرلەر

20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى ئىنكاس قىلىش تاماملاندى

2023.09.28 02:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىشنى قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى يېقىندا تولۇق تاماملاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشنى قايتما ئىنكاس قىلىش مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلدى.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىشنى مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاق مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، كۆزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 30 كارخانا پارتگۇرۇپپىسى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 5 پۇل مۇئامىلە كارخانىسى پارتكومى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىغا «بىرگە بىر» ئىنكاس قايتۇردى. مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىغا كۆزىتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم رەھبەرلىك بەنزىسىگە كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى.

  قايتما ئىنكاستا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ۋە يۇقۇم زەربىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشتى، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  قايتما ئىنكاستا، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە، تەنتەربىيە ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كەسكىن كۆرسىتىلدى. بەزىلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا ئەمەس، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچقا بولغان تونۇشى چوڭقۇر ئەمەس، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، زىممىسىگە ئېلىشىدا پەرق بار؛ بەزىلىرىدە تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئەمەلىيلەشمىدى، خەۋپ-خەتەر ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس؛ بەزىلەرنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىدى، بېسىم قاتلاممۇقاتلام ئازايتىلدى، قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىي رىتىمى كۈچلۈك بولمىدى، «1-قول باشلىق» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىدا پاكلىق خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى، «كارخانىلارغا تايىنىش، كارخانىنى يېيىش» مەسىلىسى كۆپ يۈز بەردى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى يەنىلا يۈز بەردى؛ بەزى رەھبەرلىك بەنزىلىرى، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  قايتما ئىنكاستا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىلگەن ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتايدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىپ، زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»نى نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تۈزىتىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار-ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  قايتما ئىنكاستا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش، تۈزىتىشتە ئەستايىدىل بولۇپ نوچىلارغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈزىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر تۈزىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى، بەنزىنىڭ باشقا ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قايتما ئىنكاس پىكرىگە قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئورنىتىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى باش تېما تەربىيەسىدىكى تەكشۈرۈلگەن-كۆزىتىلگەن مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قېتىملىق كۆزىتىشتە تۈزىتىش جايىدا بولمىغان مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق تۈزىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۈزىتىش نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  قايتما ئىنكاستا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈزىتىشتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى كۈندىلىك تۈزىتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئادەم، كونكرېت ئىشلارغا دىققەت قىلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەپلەپ-سەپلەپ تاقابىل تۇرغان، ساختا تۈزەتكەنلەرگە قارىتا، تىپىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆزىتىش نەتىجىسىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە ئىنكاس قىلىنغان ئورتاق مەسىلە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە قارىتا كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئەھۋاللارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ