مۇھىم خەۋەرلەر

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىرانغا چېتىشلىق دېگەن باھانە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلىرىنى جازالىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2023.09.28 02:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مۇخبىر يېقىندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ھەربىي ئايروپىلانىنى ياساشقا چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ، بىر قىسىم جۇڭگو ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلەرنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە ھەربىي ئايروپىلانىنى ياسىشىغا چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ بىر قىسىم جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلىرىنى «ئالاھىدە بەلگىلەنگەن پۇقرالار تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپلىك جازالاش ۋە «باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۇزارتىش» ئۇسۇلىنى قالايمىقان قوللىنىپ، خەلقئارا سودا تەرتىپى ۋە قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا نورمال ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكا جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرگە يولسىز زەربە بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ