مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى چېن شۈيۈەن ئەيىبلەندى!

2023.09.28 02:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى چېن شۈيۈەننىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىنى خۇبېي ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن خۇاڭشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەيدۇ. يېقىندا خۇاڭشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خۇاڭشى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ئەيىبنامە سۇندى.

  تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار چېن شۈيۈەنگە بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكاردىن سوئال سورىدى، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگانلىرى مۇنداق ئەيىبلىدى: چېن شۈيۈەن شاڭخەي خەلقئارا پورت ئىشلىرى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لىدېرى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى نۆۋەت ئالمىشىشقا تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ