مۇھىم خەۋەرلەر

شى تەيفېڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە دىن ساھەسىدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2023.09.28 01:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى توپلاشنى زىچ چۆرىدەپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە دىن ساھەسىدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ توپلاش كېرەك.

  شى تەيفېڭ نەنجىڭ، جېنجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ دىنىي مەكتەپلەر ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە دىنىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى قوغداش ئورۇنلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مىللىي، دىنىي، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

  شى تەيفېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زورايتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئىككىدە ساغلام بولۇش» فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئائىلە، دۆلەت ھېسسىياتى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  شى تەيفېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدا ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ مەدەنىيلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى سىرتقا ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قائىدە-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ دىنىي مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇشىنى قوللاپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان دىنىي ساھەدىكى ۋەكىل زاتلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللىك، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ