مۇھىم خەۋەرلەر

8-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 8644 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2023.09.27 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 26-چېسلا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئايلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 8644 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 12 مىڭ 258 كىشى ( ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك بىر كادىر، ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك 72 كادىر، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 734 كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) گە تەنقىدىي تەربىيە بېرىلگەن ۋە ياردەم بېرىلگەن، 8703 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8 ئايدا مەملىكەت بويىچە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 3938 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 6164 كىشىگە تەنقىد- تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش، ساختا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش» جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 3439 قېتىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 5475 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن 4706 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 6094 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 1917سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم تولۇقلىمىسى ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 719ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 1097سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ