مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: نۆۋەتتە جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ چېگرانى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى

2023.09.27 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 26-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چاۋشيەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە چېگرانى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سۆزلەپ بەرسە بولامدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ چېگرانى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ