مۇھىم خەۋەرلەر

«بىز فىلىپپىن تەرەپنى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ چاتاق چىقارماسلىققا دەۋەت قىلىمىز»

2023.09.27 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  26-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ خۇاڭيەنداۋ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان توسۇش لەيلىمە بەلگىسىنى چۇۋۇۋەتكەنلىكىنى، بۇ لەيلىمە بەلگە فىلىپپىن بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ بېلىق تۇتۇشىنى مەنئىي قىلىدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى:جۇڭگو خۇاڭيەنداۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. بىز فىلىپپىن تەرەپنى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ چاتاق چىقارماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ