مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلىرىنى جازالىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى!

2023.09.27 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىرانغا چېتىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلىرىنى جازالىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: يېقىندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە ھەربىي ئايروپىلانىنى ياساشقا چېتىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، بىر قىسىم جۇڭگو ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە ھەربىي ئايروپىلانىنى ياساشقا چېتىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، بىر قىسىم جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنى «ئالاھىدە بېكىتىلگەن پۇقرالار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئامېرىكا بىر تەرەپلىك جازالاش ۋە «قولنى سوزۇپ باشقۇرۇش» ئۇسۇلىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىپ، خەلقئارا سودا تەرتىپى ۋە قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا نورمال ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكا جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرگە يولسىزلىق بىلەن زەربە بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ