2023-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈ لۇمىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار يۈ لۇمىڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسى بەردى ھەمدە بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ يۈ لۇمىڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايەت تاپاۋىتى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق تۆلىنىدۇ.
سوت قىلىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 2001-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، جاۋابكار يۈ لۇمىڭ سىياسىي كېڭەش بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى بىرىنچى نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، داشىڭ رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، داشىڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىدارە باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېجىرىش، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، 10مىليون 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.
جاڭجياكوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار يۈ لۇمىڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پارا ئېلىش سوممىسى ناھايىتى كۆپ دەپ قارىدى. يۈ لۇمىڭ دېلودىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن قىسمەن پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، پارا ئالغان مال-مۈلۈكنى ئاكتىپ قايتۇردى، پارا ئالغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە كۆپ قىسىم تۇغۇندى ھازىر قايتۇرۇپ كېلىندى، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ