مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى 108 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى ( يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى يارقىن نۇقتا)

ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.74 ئاشتى

2023.09.25 09:51 مەنبە: خەلق تورى

  20- چېسلا، جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە 2023-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە كارخانىلارنىڭ 2022-يىللىق تىجارەت كىرىمى ئۆلچەم قىلىنغان بولۇپ، 264 ياسىمىچىلىق كارخانىسى تىزىملىككە كىرگەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن سەككىزى كۆپىيىپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل «500 كۈچلۈك كارخانا» نىڭ كۆلىمى داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان، تىجارەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى 108 تىرىليون 360 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا» دىن %5.74 ئاشقان؛ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 399 تىرىليون 770 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا» دىن 27 تىرىليون 240 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، %7.31 ئاشقان؛ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىش ئۆلچىمى ئۇدا 21 يىل ئۆستۈرۈلگەن، بۇ يىل «500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۆلچىمى 46 مىليارد 998 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 2 مىليارد 373 مىليون يۈەن ئاشقان.

  100 مىليارد يۈەنلىك كارخانا تۇنجى قېتىم يېرىمدىن ئاشقان. «500 كۈچلۈك كارخانا»دىكى تىجارەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانا 254 كە يېتىپ، 10 كارخانا ساپ كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 16 كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشقان.

  تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىجىللىقى سىجىل ئاشقان. «500 كۈچلۈك كارخانا»نىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى 1 تىرىليون 578 مىليارد 688 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 131 مىليارد 221 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %9.07 بولغان. ئوتتۇرىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىجىللىقى سىجىل ئېشىپ، 1.85 %لىك يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا» بىلەن سېلىشتۇرغاندا 0.04 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  پاتېنت سانى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆسكەن. «500 كۈچلۈك كارخانا»غا ئىلتىماس قىلىنغان پاتېنت ئومۇمىي سانى 1 مىليون 885 مىڭ 300 گە يەتكەن؛ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش سانى ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا»دىن 217 مىڭ 300 ى كۆپىيىپ، %13.03 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلتىماس قىلىنغان كەشپىيات پاتېنتى 743 مىڭ 400 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا»دىن %10.48 ئاشقان، كەشپىيات پاتېنت سانى ئۇدا بەش يىل سىجىل ئېشىپ، پاتېنت سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %39.43 بولغان.

  ئۆلچەم تۈزۈشكە قاتنىشىشنىڭ جانلىقلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. «500 كۈچلۈك كارخانا» جەمئىي 75 مىڭ 110 تۈرلۈك ئۆلچەم تۈزۈشكە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان، بۇ ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا» ئىلتىماس قىلغان ساندىن 171 تۈر كۆپەيگەن، كارخانىلارنىڭ ئۆلچەم تۈزۈشكە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتى ئۇدا 4 قېتىم ئاشقان. خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، كارخانىلار جەمئىي 4992 تۈرلۈك خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈشكە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان.

  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تىجارەت كىرىمى سىجىل ئاشقان. «500 كۈچلۈك كارخانا»نىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تىجارەت كىرىمى 3 مىليون 302 مىڭ 200 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى «500 كۈچلۈك كارخانا»دىن 142 مىڭ 600 يۈەن ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ