شى جىنپىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.09.21 10:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گېرىن ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى مو يې، مەكماللىنغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھارماي ـ تالماي جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتتە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھېكايىسىنى تارقاتقانلىقى، ئامېرىكىدىكى بارغانسېرى كۆپ ياش ـ ئۆسمۈرنىڭ «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى ۋە ياش ـ ئۆسمۈر رەھبەرلەر پىلانى»غا قاتناشقانلىقى، ھازىرغىچە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى 500گە يېقىن پېشقەدەم ئەسكەر ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ نەچچە يۈز نەپەر ئائىلە تەۋەسىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ياپون فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش كۈرىشىدە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، قانلىق كۈرەش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا تېخىمۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا يەنە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى يېڭى دەۋردىكى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا موھتاج، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى 1998 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە تارىخىي ۋەقەلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە خاتىرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇق تەشكىلاتى. يېقىندا، فوندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى گېرىن بىلەن ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى مو يې، مەكماللىن رەئىس شى جىنپىڭغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، فوندى جەمئىيەت ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ