9-ئاينىڭ 21-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ياپونىيە پۇقراسىنى رەسمىي قولغا ئېلىش-ئالماسلىقنى قارار قىلىدىكەن، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئىسپاتلىيالامدۇ؟
ماۋ نىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىز تىلغا ئالغان ئايرىم دېلولاردا بىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەھۋال تونۇشتۇرغان، بۇ ياپونىيە پۇقراسى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى.
ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە جۇڭگو-ياپونىيە كونسۇل كېلىشىمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ياپونىيە تەرەپنىڭ كونسۇل يوقلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، جۇڭگودا تۇرۇۋاتقان، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى بارلىق خادىملار جۇڭگونىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ياپونىيە پۇقراسىغا ئوخشاش دېلولار كۆپ يۈز بەردى، ياپونىيە تەرەپ ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا بولغان تەربىيە ۋە ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ