مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە: ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 77 مىڭ قېتىم قاتنىغان، 7 مىليون 310 مىڭ ساندۇق مال توشۇلغان، مال قىممىتى 340 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلانغان.
ئون يىللىق تەرەققىيات مابەينىدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. دۆلىتىمىزدە ئالاتاۋ پورتى، قورغاس، ئېرلىيەنخوت، مانجۇلى، سۈيفېنخې قاتارلىق پورتلار بىلەن چېگرادىن چىقىدىغان غەرب، ئوتتۇرا، شەرقتىن ئىبارەت ئۈچ تىرانسپورت ئاساسىي يولى شەكىللەندى، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسى 86گە يېتىپ، 112 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى؛ چېگرا سىرتىدا، شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يول دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ياۋروپادىكى 25 دۆلەت ۋە رايوندىكى217 شەھەر ھەمدە لىنىيە بويىدىكى ئاسىيادىكى 11 دۆلەت ۋە رايوندىكى 100دىن ئارتۇق شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.
ئون يىللىق تەرەققىيات مابەينىدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا تىرانسپورت ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. دېڭىز تىرانسپورتى ۋە ھاۋا تىرانسپورتىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت باھاسى ئاۋىياتسىيەنىڭ بەشتىن بىرىگە، توشۇش ۋاقتى دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ، مۇقىملىقى يۇقىرى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئوتتۇرىچە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ 15دىن بىرىگە، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ يەتتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
ئون يىللىق تەرەققىيات مابەينىدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلار تېزلىكتە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئاپتوموبىل، جابدۇقچىلىق كەسپى بازىسىغا ئايلاندى؛ شىئەن، ۋۇخەن قاتارلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى يولغا چىققان شەھەرلەرنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي مەھسۇلات قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا توشۇلىدىغان ماللىرىنىڭ تۈرى ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 50 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تاۋارغا كېڭەيدى؛ ياۋروپادىن جۇڭگوغا توشۇلىدىغان ماللارنىڭ تۈرى ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تاۋارلارغا كېڭەيدى.جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 11 مىڭ 638 قېتىم قاتنىغان، 1 مىليون 262 مىڭ ساندۇق مال توشۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ٪10 ۋە ٪23 ئېشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم، تېخىمۇ بىخەتەر يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ