مۇھىم خەۋەرلەر

ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول باشلايلى

  ___ «سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى باش تېما كۆرگەزمىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

2023.09.21 01:38 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇلۇغ پىلان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  2003-يىل 7-ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە سىستېمىلىق ئويلىنىش، پىلانلاش ئارقىلىق جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رايون تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىكى «سەككىز ئۈستۈنلۈك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نى تۈزۈپ چىقتى.

  20 يىلدىن بۇيان، «سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جېجياڭدا ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئېسىل ئۆزگىرىش بولدى. جېجياڭ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەينى-كەينىدىن ئىشلەپ، «سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول باشلاش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇ قەدەم خەلقنى بېيىتىپ، ئۆلكىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، تەكشى تەرەققىي قىلىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، تىرىشچان-پاك بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان رېئال مەنزىرىگە ئايلاندۇردى.

  جانلىق تارىخىي مەنزىرىلەر، سانسىز ماددىي كۆرگەزمە بۇيۇملىرى... «داغدام يول سەپىرى ___ <سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى> يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى باش تېما كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، تاماشىبىنلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆرگەزمە كىشىلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە مەنبەسى ۋە تەرەققىيات تومۇرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  پەلەككە تاقاشقان دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ؛ تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇنىڭ چوقۇم مەنبەسى بولىدۇ. «<سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى>دە مەدەنىيەت چوڭ ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھازىر چياۋشىدىكى كەپە ئۆي رايونى مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەرتىلدى، تاشلاندۇق كونا زاۋۇت ئۆيلىرى تارىخىي مەدەنىيەت مۇزېيىغا ئايلاندى» دېدى خاڭجوۋ شەھىرى گۇڭشۇ رايونى گۇڭچېنچياۋ كوچا باشقارمىسى چياۋشى مەھەللىسى 1-پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېڭ زەنجېن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە «سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇپ، قانال مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  بۇ يىل 8-ئايدا، جېجياڭ 10000000-تىجارەت كىنىشكىسى تارقاتتى، 10 مىليون تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ %97 ى خۇسۇسىي تىجارەت سۇبيېكتى بولۇپ، 107 كارخانا 2022-يىلى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا قاتارىغا كىردى. «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش <سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى>نىڭ مۇھىم مەزمۇنى» دېدى ياش تەشۋىقاتچى، ۋېنجوۋ شەھىرى لۇچېڭ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى چېن جى، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كارخانىلارغا ياردەم بېرىشنى چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش»نى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىققەتنى «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈش»كە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  «سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جېجياڭ «قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، سۇمۇرغنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى. چاڭشىڭ ناھىيەسى خۇاشى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جىيۈن مۇنداق دېدى: «سەككىز ئۈستۈنلىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇاشى كوچا باشقارمىسى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېشىل ياسىمىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك خاس كىچىك بازار ___ چاڭشىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بازىرىغا ئايلاندى. «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

  «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى بەرپا قىلىپ، مىليونلىغان دېھقانلار ئاممىسىغا بەخت يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيەت ئۈلگىسىنى ياراتتى. جىنيۈن ناھىيەسى خۇجېن بازىرى ليەنفېڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لوۋ گەنچياڭ مۇنداق دېدى: «تۈمەن قۇرۇلۇش»نىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ليەنفېڭ كەنتى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇشتىن «يېشىل، باي، گۈزەل» بولۇشقا ئۆزگەردى، كېيىنكى قەدەمدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا باب كېلىدىغان، دېھقانلار باياشات بولغان تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق ياخشى ماڭىدۇ.

  «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جېجياڭنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، 2022-يىلى جېجياڭ ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى %99.28 كە يېتىپ، ئۇدا نەچچە يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «فېڭيۈەن كەنتى <فېڭچياۋ تەجرىبىسى> بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى، <فېڭچياۋ تەجرىبىسى>نىڭ جەۋھىرى ئاممىغا تايىنىش». جۇجى شەھىرى فېڭچياۋ بازىرى فېڭيۈەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو گېنتۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»گە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ھۆكۈم سۈرگەندە، جاھان ئومۇمغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ ئالىي غايە ئاددىي بولسىمۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كەلگەن كادىرلار ۋە ئامما بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆرگەزمىدىن قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچنى ھېس قىلدۇق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جېجياڭنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ