باش كۈزدە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدە مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، يېزىدىكى دەرەخلىك چىغىر يولدىن لەرزان مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى. مۇخبىر مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر دېھقانلار ئارامگاھىغا كەلگەنىدى. ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، يەكەن ناھىيەلىك «ئون ئىككى مۇقام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى»نىڭ ئويۇن قويۇش ئەترىتى نومۇر تەييارلاۋاتاتتى. مۇزىكا ئاۋازى گاھ جۇشقۇن، گاھ راۋان، ئويۇن قويغۇچىلار شوخ ناخشا ئېيتىپ، شوخ ئۇسسۇل ئويناپ، مەيداندىكى ھەربىر كىشىنىڭ قەلب تارىلىرىنى چېكىپ، ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا ئىدى.
ئون ئىككى مۇقام قەدىمكى يىپەك يولىدا بۈگۈنگىچە تارقىلىپ كەلگەن سەنئەت شەكلى بولۇپ، مۇزىكا، شېئىر، ئۇسسۇل ۋە تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرى بىر گەۋدىلەشكەن، خەلق مۇزىكىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. «ئون ئىككى مۇقام يۇرتى» دەپ نام ئالغان يەكەن ناھىيەسى قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىدى. شۇڭا، ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى يىپەك يولى بويىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ شانلىق تارىخىغا گۇۋاھچى بولدى.
ئون ئىككى مۇقام ئاغزاكى تارقالغان خەلق مۇزىكا سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا كۆپ قېتىم رەتلەندى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر ساھەنىڭ قوغدىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىشى بىلەن، قەدىمىي ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى. (نۇرخىشا، شۈ جېڭ، تاڭ سۇڭ)
(بىر قىسىم كۆرۈنمە ماتېرىياللىرىنى يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىكى مەمەتئېلى مەمتىمىن تەمىنلىگەن)
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ