9-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: شاڭخەي-ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلغا ئۈمىدۋار بولۇش نىسبىتى تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت ھېسابلىنىدىكەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىدىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىنىشىدىكى سەۋەب جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش بېسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگودا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاشنى پىلانلىدى؟
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ كونكرېت سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى جۇڭگونىڭ مەسئۇل تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازار ۋە مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكىمۇ ئۆزگەرمىدى.
يېقىندا جۇڭگو يەنە چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قاراتمىلىقى كۈچلۈك بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئەلا سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ