مۇھىم خەۋەرلەر

110 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى

2023.09.20 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: جۇڭگو تەرەپ بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇنبەر مەزگىلىدە قانداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟ مۇنبەرنىڭ تەييارلىق خىزمىتى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟

  ماۋ نىڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدىكى پائالىيەتلەر ئېچىلىش مۇراسىمى، ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئۈچ مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، ئاقىللار ئامبىرى ئالاقىسى، پاك يىپەك يولى، يەرلىك ھەمكارلىق، دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى ئالتە مەيدان مەخسۇس مۇنبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كارخانىچىلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  3-نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك، ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە. ھازىرغىچە 110 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. جۇڭگو تەرەپ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ئالاقىنى ساقلايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ