مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسى ئەنگلىيە تەرەپنى شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2023.09.20 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق خاس ۋەكىللەر مەھكىمىسى (دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسى) نىڭ باياناتچىسى 19-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاتالمىش «شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېرىم يىللىق دوكلات»نى ئېلان قىلغانلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى كونا مۇقامدا توۋلاپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيەسى، ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ھوقۇقى، قانۇن ئىدارە قىلىشىغا تۆھمەت قىلدى ھەم ئەنگلىيە تەرەپنى خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىغا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىپ، شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سىياسىي ئويۇنىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 26 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» شياڭگاڭ ئەمەلىيىتىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى ۋە يېڭى سايلام تۈزۈمىنىڭ ھىمايىسىدە، شياڭگاڭ ئىدارە قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، جەمئىيەت تىنچ، ئىتتىپاق بولدى، تەرەققىيات قەدىمى پۇختا بولدى، سودا مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئاھالىلەرنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ بىخەتەر مۇھىتتا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەنگلىيە تەرەپ شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى تىنچ-ئاسايىشلىق ۋەزىيەتنى كۆزگە ئىلماي، بىر پارچە دوكلات ئارقىلىق كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ، شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىشقا يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بۇغىنى ئات دەپ قارايدىغان رەزىل ئەپت-بەشىرىسى ۋە شياڭگاڭنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيدىغان رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىماقچى بولدى. باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئىدارە قىلىشتىكى قانۇنىي ئاساسى «جۇڭگو-ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتى» ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىنكى شياڭگاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى يوق، ئىدارە قىلىش ھوقۇقى يوق، نازارەت قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىكى رەزىللىكى بىلەن تولغان، شۇڭا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.

  باياناتچى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. ئەنگلىيە تەرەپ ھەرقانچە كۆپ «قارا بوھتان» ئويدۇرۇپ چىقارسىمۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزەشكە، ئىدارە قىلىشقا ۋە گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان تارىخىي ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، پەقەت ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىش، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى پاكىتى سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ دېلوغا خاتىرىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە كونا ئارزۇسىغا رەزىل ئىزاھات بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ