مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىللىق ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى بېكىتىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2023.09.19 23:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2024-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، جايلار ۋە ھەرقايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى 2023-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بولىدۇ، ئىمتىھان ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى رەسىم تاختىسى ئىشلىتىش قاتارلىق ئالاھىدە تەلەپلەر قويۇلغان ئاز ساندىكى ئىمتىھان تۈرلىرى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. توردا تىزىملىتىش خىزمىتى 2023-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى سائەت 9 دىن 22 گىچە) ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالدىن تىزىملىتىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى سائەت 9 دىن 22 گىچە) ئورۇنلاشتۇرۇلدى. توردا تىزىملىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى توردا جەزملەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توردا تىزىملىتىش ۋە توردا جەزملەشتۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا تولۇقلاپ بېجىرىلمەيدۇ.

  كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «جۇڭگو ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى» (https://yz.chsi.com.cn) 2023-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە «2024-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش تەشۋىقات مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى توردا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ